باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىت-ئېنىرگىيە

مۇھىت ئاسراشتا تولۇقلاش بولغاندىلا ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق بولىدۇ

2016.03.30 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21 – مارت مالىيە مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئېكولوگىيەنى تولۇقلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇجيەن، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ،ئىككى جاينىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ سۇ مەنبەسىنى ياخشى قوغدىغانلىقىغا تولۇقلىما بېرىش، رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن 500 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

  سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ تەس بولۇش سەۋەبى سۇنىڭ ھەرىكەتچانلىقىدا. سۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدىغان بولغاچقا، ھەۋزىدىكى ئاھالىلەر، كارخانىلار سۇدىن تەكرار پايدىلىنىدۇ، ھەرقانداق ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە سۇنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. سۇنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېقىش ئالاھىدىلىكى يەنە يۇقىرى ئېقىن بۇلغانسا، تۆۋەن ئېقىننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدۇ، يۇقىرى ئېقىندىكى بۇلغانغان سۇ تۆۋەن ئېقىنغا ئېقىپ كەلگەندە تۆۋەن ئېقىندىكىلەرنىڭ ئۇنى تازىلىشى بەسى مۈشكۈلگە چۈشىدۇ.

  مۇشۇنداق ‹‹پايدىلىنىش›› بىلەن ‹‹تۈزەش››نىڭ ئۆزئارا تېيىشىپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئېلىمىزنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك بولغانلىقىدا. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سانائەتلىشىش ۋە شەھەر – بازارلىشىشىنى دېڭىز بويىدىكى رايونلار باشلىغان. دەريا ياقىسىدىكى دېلتا رايونلار تەرەققىي قىلىپ كۆپ يىلدىن كېيىن، ئېغىر خىمىيە سانائىتى ئاندىن تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلارغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلاردا ئانچە كۆپ سانائەت يوق ئىدى، سۇ سۈپىتى بولسا تۆۋەن ئېقىننىڭكىدىن ياخشى ئىدى، تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلار بولسا بۇلغىنىشنى تۈزەشكە خېلى زور كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، سۇ سۈپىتىنى ئاسانراق ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  مۇھىتنى تۈزەشنىڭ ماھىيىتى تەرەققىيات مەسىلىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەنى تولۇقلاش ساداسى كۈنسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى، يەنە كېلىپ بۇ تەرەققىياتنىڭ جىددىي تەقەززاسى. دەريا، كۆللەرنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئەمما مەبلەغ ۋە تېخنىكىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن ھەمىشە تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئىلگىرىكى يىرىك تەرەققىي قىلىش كونا يولىدا ماڭغاچقا، مۇھىتنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرالمىغان؛ تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلار كۆپ يىل جۇغلىغان مالىيە كۈچى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ مۇھىتنى تۈزەشكە زور كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى ئېقىندىكى پاسكىنا سۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىشى سەۋەبلىك زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن. دەريا – كۆللەرنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ قالغان يۇقىرى ئېقىندىكى بەزى رايونلار مەمۇرىي رايونغا ئايرىش چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مۇھىت ئاسراش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىپ، ئۆزلىرىنى زىيان تارتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

  مۇھىت ئاسراشتا تولۇقلاش بولغاندىلا ئاندىن ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىنىڭ شىنئەن دەرياسى ھەۋزىسى، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىرى دۇڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىدە سىناق تەرەقىسىدە يولغا قويغان ھەۋزىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تولۇقلاش ئۇسۇلى ئىقتىسادىي ۋاسىتە بىلەن يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىننىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش نوقۇللا مەمۇرىي ۋاسىتىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تاقاش، توختىتىش، قوشۇۋېتىش، يۆتكىۋېتىشنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە، ‹‹تۆۋەن ئېقىندا ياخشى سۇ بولۇش ئۈچۈن، يۇقىرى ئېقىننى تەرەققىي قىلدۇرۇش››نى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش كېرەك، يەنە تەرەپلەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى ھەم بازار قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە چۈشىنىپ، كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان تولۇقلاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز مالىيەسىمۇ يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش غەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىندىكىلەرنىڭ بىرلىكتە بۇلغىنىشنى تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر