- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرىدۇ
2013.07.03 17:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 2013-يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت مىقياسىدا مۇھىت بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرىدىكەن، تەكشۈرۈشتە مۇھىت بىخەتەرلىكى بولۇپمۇ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قالدۇق قېزىلما ئىسكىلاتى كارخانىلىرى ۋە خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنى تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار نۇقتىلىق تەكشۈرىلىدىكەن.
ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈشتە قالدۇق قېزىلما ئىسكىلاتى كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت خېيىم خەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە تىزگىنلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 10 كىلومېتىر دائىرىدىكى قالدۇق قېزىلما ئىسكىلاتلىرى ھەمدە توسمىنىڭ ئەتراپىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار بار ئورۇنلار ۋە خەتەرلىك كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە سورۇنلىرىدىكى قالدۇق قېزىلما ئىسكىلاتلىرىنىڭ مۇھىت خېيىمخەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە تىزگىنلەش ئەھۋالى مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. ئاساسلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنى: مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججەتلىرىدىكى مۇھىت خېيىمخەتەرىدىن ساقلىنىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، ئەنگە ئېلىشقا يوللاش، مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ۋە تەربىيەلەش ئەھۋالى، مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى تەييارلاش، ساقلاش ئەھۋالى، قالدۇق قېزىلما توسمىلىرى، كەلكۈن چىقىرىش سىستېمىسى، يەتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ مۇھىت خېيىمخەتىرىدىن ساقلىنىش-تىزگىنلەش ئەھۋالى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىلەن ئاچقان سۇغا دائىر مەخسۇس پىلان ھەققىدىكى 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2014-يىللىق سۇغا دائىر مەخسۇس پىلاندا نۇقتىلىق ۋادىلارغا دىققەت قىلىنىپ، نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش پىلانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، 54 تەتقىقات تېمىسى بېكىتىلگەن، مەركەز مالىيەسىدىن بۇنىڭغا 1 مىليارد 591 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە