باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>提案议案

ئېرزات زادە: شىنجاڭ ئەنئەنىۋىي تېبابىتىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك!

2015.03.09 11:37   مەنبە: خەلق تورى

ئېرزات زادە: شىنجاڭ ئەنئەنىۋىي تېبابىتىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك!

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇخبىرى مەلىكە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېرزات زادە (تاتار) نى زىيارەت قىلغاندا، شىنجاڭ ئەنئەنىۋىي تېبابىتىنىڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يېپەك يولىدىن ئىبارەت«بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت قاتلىمىدىن يۆلەش كېرەك، دېدى.

  ئەزا ئېرزات زادە بۇ ھەقتە توختالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردىن شىنجاڭغا داۋالانغىلى كېلىدىغان بىمارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى 7-ئايدا مەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىر يېزا شىپاخانىسىغا بارغىنىمدا قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن بىمارلارنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، سۈرۈشتۈرسەم، بۇ شىپاخانىدا بىر قازاق دوختۇرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، نۇرغۇن بىمار ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ كېسىلىنى كۆرسىتىدىكەن.

  ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت جۇڭگو تېبابىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابىتىگە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ ئەمما ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە مالىيە ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلىقتىن، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، شۇڭا دۆلەتنىڭ جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل تېبابىتىگە سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركەز «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭ «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» نىڭ «بەش مەركىزى» قۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئەتراپتىكى ئەللەرگە يۈزلەنگەن داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى دەل بۇنىڭ بىرى، بۇ ئەلۋەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابىتىنىمۇ ئكز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا دۆلەت بۇ جەھەتتە شىنجاڭغا سېلىنمىنى كۆپەيتىپ بەرسە بىز قىلالايدىغان ئىش تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردىكى بىمارلارنى شىنجاڭغا كېلىپ داۋالىنىشقا جەلب قىلالايمىز، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىناقلىقىنى ئاشۇرۇشتا ياخشى رول ئوينىيالايمىز.

  ئېرزات زادەنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى، قازاق تېبابىتى، موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا ئۇ دۆلەتنىڭ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى زورايتىشىنى، قاتتىق-يۇمشاق ئەسلىھەلەرجەھەتتە قوللاش سالمىقىنىئاشۇرۇشىنى، ئەنئەنىۋىي تېبابەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…