باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>提案议案

باشقارما باشلىقى (ھاكىم) دەرىجىلىك ئايال كادىرلار 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىدۇ

2015.03.06 14:49   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئايال رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئايال كەسپىي تېخنىكلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقارما باشلىقى (ھاكىم)، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى (مۇئاۋىن ھاكىم) دەرىجىلىك ئايال كادىر، ئالىي ئۇنۋانى بار ئايال كەسپىي تېخنىكلىرى 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىدىكەن. بۇ «ئۇقتۇرۇش» 1-مارتتىن باشلاپ ئىجىرا قىلىنىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىدە پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى باشقارما باشلىقى (ھاكىم) دەرىجىلىك، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى (مۇئاۋىن ھاكىم) دەرىجىلىك ۋە ئالاقىدار كەسىپ قاتلىمىدىكى ئايال كادىرلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى دائىمي ئىشلار ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن باشقارما باشلىقى (ھاكىم)، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى (مۇئاۋىن ھاكىم) دەرىجىلىك ئايال كادىر ۋە ئالىي ئۇنۋانى بار ئايال كەسپىي تېخنىكلار 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار دېيىلدى: «يۇقىرىقىدەك ئايال كادىر ۋە ئالىي ئۇنۋانى بار ئايال تېخنىكلار ئەگەر ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلسا، 55 ياشتا پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ. بۇ ‹ئۇقتۇرۇش› پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ئايال كادىرلار ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئايال تېخنىكلارغا تەتبىقلانمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئۆتكەن يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 459800 ئادەم، ۋەتەنگە قايتىپ كە…
      ·ئەزا جۇڭ بىڭلىن: ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالس…
      ·14 ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ
      ·ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى توغرىسىدا
      ·ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتوتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
      ·مائارىپ سىپىدىكى ھارماس باغۋەن
      ·شىنجاڭ ئىچكىردىكى  تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چېكى ئېلان قىلىندى 
      ·ئېلىمىز بىر تۈركۈم ھاۋا ئارمىيەسى ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرماقچى(1)
      ·شىنجاڭ 3يىلدا تەييارلىق سىنىپىغا 3500 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلماقچى