12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 2015-يىلى 5-مارت سائەت 15:00 تە ئاخبارات مەركىزى مېيدىيا مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ جاۋشى تەكلىپكە بىنائەن ‹‹ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ماكرولۇق تەڭشەش›› توغرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.