باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

2014.11.15 10:33   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

  دۆلەت بايرىمى : 6-فېۋرال (1840-يىلى)

  دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ۋالىي ئاناد ستاياناد، 2006-يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، ئۇ يېڭى زېلاندىيە تارىخىدىكى ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغان تۇنجى ۋالىي. زۇڭلى جون كېي، 2008-يىلى 11-ئايدا سايلاپ چىقىلغان؛ پارلامېنت باشلىقى لوكۋۇد سىمىس، 2008-يىلى 12-ئايدا ۋەزىپىگە سايلانغان.

  تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى: تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىغا، ئانتاركتىدا بىلەن ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. غەربتە تاسمانىيە دېڭىزى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالدا تونگا ۋە فىجى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يېڭى زېلاندىيە شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارال ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئاراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 270 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، خاس ئىقتىسادىي رايونىنىڭ كۆلىمى 120 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6900 كىلومېتىر. يېڭى زېلاندىيەنىڭ «يېشىلزارلىق» دېگەن نامى بار، گەرچە بۇ دۆلەتتە تاغ كۆپ، تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلار ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %75تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق بۇ يەر تروپىك بەلباغ دېڭىز ـ ئوكيان ئىقلىمىغا تەۋە بولغاچقا، پەسىللەر ئارا تېمپېراتۇرا پەرقى كىچىك، ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن باراقسان ئۆسكەن، ئورمان بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى %29كە يېتىدۇ، تەبىئىي چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈن دۆلەت يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

  نوپۇسى: 4 مىليون 331 مىڭ 600 (2009-يىلى 30-سىنتەبىردىكى مۆلچەرىي سان). بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %67نى، ماۋرىلار %14.5نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %9.2نى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %6.9نى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئىنگلىز تىلى بىلەن ماۋرى تىلى. %71 ئاھالە پروتېستانت دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  پايتەختى: ۋېللىڭتون بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەنۇبقا جايلاشقان پايتەخت. نوپۇسى 473 مىڭ 700(2008-يىلى 6-ئايدىكى سان)، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يازدا 16 سېلسىيە گىرادۇس، قىشتا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا.

  مەمۇرىي رايونلىرى: پۈتۈن مەملىكەت جەمئىي 12 چوڭ رايونغا بۆلۈنىدۇ، 74 رايونلۇق مەمۇرىي ئورگان قۇرۇلغان(بۇ 15 شەھەر مەمۇرىيىتى نازارىتى، 58 رايونلۇق پارلامېنت ۋە چاتام تاقىم ئاراللىرى پارلامېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  تارىخى: ماۋرىلار يېڭى زېلاندىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئاھالىلىرىدۇر. ماۋرىلار مىلادى 14-ئەسىردە پولىنېزىيەدىن يېڭى زېلاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىلىرى بولۇپ قالغان ھەم پولىنېزىيە تىلىدىكى «aotearoa»نى ئۇنىڭ ئىسمى قىلىپ قوللانغان، بۇ سۆز «بۇلۇتلىرى ئاپئاق بوستانلىق» دېگەن مەنىدە. گوللاندىيەلىك دېڭىزچى ئابېل تاسمان 1642-يىلى بۇ قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ جايغا «يېڭى زېلاند» دەپ ئىسىم قويغان. ئەنگلىيەلىك كاپىتان جامىس كۇك 1769-يىلىدىن 1777-يىلىغىچە بەش قېتىم يېڭى زېلاندقا بارغان ھەم بۇ جاينىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە بۇ يەرگە تۈركۈم-تۈركۈم كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم يېڭى زېلاندنى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ ئارالنىڭ گوللاندچە ئىسمىنى ئىنگلىز تىلىدىكى «يېڭى زېلاندىيە» دېگەن نامغا ئۆزگەرتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقاردى
      ·ئاستانا مۆرىسىدىكى گۈزەل رومال ـــ ئېسىل دەرياسى(1)