گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سادىق توپ مەستانىسى، ئۇنىڭ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندا كۆرىشىلا بىر غەلبە ئىدى.بۈگۈن مېركىل يەنە بىر قېتىم گېرمانيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بولغان برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4:0 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يەڭگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدى. مېركىل كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىلىپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى، بۇ قىممەتلىك سۈرەتتە كوماندا ئەزالىرىنىڭ تېخى تەييارلىقى پۈتمىگەن ئىدى، بىراق مېركىلنىڭ كىلىشى ئۇلارنى خوشاللىققا چۆمدۈردى.