پائالىيەت چۈشەندۈرۈلۈشى

موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرىنىڭ «ئۆگىنىمەن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمەن» تېمىسىدىكى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى توردا زېھىن سىناش مۇسابىقە پائالىيىتى
ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: خەلق تورى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت قانىلى
ھەمكارلاشقان ئورۇن: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتى
قاتنىشىش ئوبيېكتلىرى: ئوقۇۋاتقان موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرى
پائالىيەت ۋاقتى: 2014-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە

ھەمبەھىرلەڭ

  • ·

قاتنىشىش ئۇسۇلى

  • ·پائالىيەت مەزگىلىدە خەلق تورىنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت قانىلىنىڭ «ئۆگىنىمەن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمەن» تېمىسىدىكى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى توردا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى مەخسۇس بېتىگە كىرىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن جاۋاپ بەرسە بولىدۇ.

مۇكاپاتلاش چارىسى

  • ·ھەر بىر تىلدا بىردىن ئىلغار تەشكىللەش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىدۇ.
    ھەر بىر تىلدا بىر قانچىدىن ئىلغار شەخس مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، شەخسنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىغا ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئادەم سانى مۇكاپاتلىنىش سانىدىن كۆپ بولسا، ئىختىيارىي تاللاش ئۇسۇلىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى تاللاپ چىقىلىدۇ. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق تورىنىڭ ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت قاناللىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
  • ·