باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
2014.06.09 10:52     مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. تەرەققىيات خۇددى بىر پارچە چوڭ ماقالىگە ئوخشايدۇ، ئوخشىمىغان جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قايسى جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؟

  ‹‹شىنجاڭنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇمىيەت نەزەرىدىن قاراپ چىقىپ، شىنجاڭنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىشان ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.

  ھازىر مۇنداق ئىككى خىل خاتا قاراش مەۋجۇت: بىرى، تەرەققىي قىلسىلا بارلىق مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ، دېگەن قاراش؛ يەنە بىرى، شىنجاڭدا مەسىلە كۆپ، ئەھۋال مۇرەككەپ، تەرەققىي قىلغان تەقدىردىمۇ بەزى كىشىلەر بىزنىڭ ياخشى گېپىمىزنى قىلمايدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە كۈچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەن قاراش. بۇ ئىككىلا خىل قاراش سەل چەكتىن ئاشقان، دىئالېكتىكىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئەمەلىيەت تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشتىن ئىلگىرىكى مەسىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ئەمما تەرەققىي قىلمىغاندا ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. مۇھىمى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تەرەققىياتتىن ئىبارەت ‹‹باش ئاچقۇچ››نى توغرا ئىشلىتىش ھەم تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى مۇقىملىقنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەي، بەلكى تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كونكرېت قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ بىرلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش. تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتۇر. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاشسىلا، چوڭ تۈرلەر ئىشقا ئاشۇرۇلسىلا كۇپايە، دېيىش توغرا ئەمەس. ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىسا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ئاشۇرۇلمىسا، خەلق تەرەققىياتنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەرەققىياتنىڭ تۈپ نىشانىغا يەتمەك قىيىنغا توختايدۇ.

  قانداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مائارىپنى ئالدىن ئويلىشىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي، جايىدا، ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قانداق قىلغاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن چېگرا رايوننى قوغداشنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەشكە موھتاج. ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپلەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلغاندىلا، ئامما ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئۈمىدكە تولۇپ، تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

  ‹‹تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ھېلى ئورۇنلانغان مېلودىيەگە ئوخشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن: ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ!››. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئەنە شۇنداق ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە بەل باغلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلق شۇندىلا ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
相关专题
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved