باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
شى جىنپىڭ ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتىدا سۆز قىلدى
2014.03.31 10:43     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پارىژدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ باش ئورنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىشتىكى كۆز قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆرنەك قىلىشنى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنىڭ كۆۋرۈكى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ رىشتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش- ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىللە تەرەققىي قىلىش جەريانى. جۇڭگو خەلقى دەۋرنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى بويىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئىجادى بۇرۇلۇش ياساش ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مول رەڭدار مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلارنى توغرا مەنىۋى يىتەكچىلىك ۋە كۈچلۈك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت- ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدار، ئۆز-ئارا ئۆرنەك قىلىش بىلەن بېيىپ بارىدۇ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىنى ئەينەك قىلىش - ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۆرنەك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش-توغرا پوزىتسىيە ۋە پىرىنسىپقا ئېھتىياجلىق. 1- مەدەنىيەت رەڭگارەڭ، ئىنسانلار مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولغاچقا ئۆز-ئارا ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە؛2 - مەدەنىيەت باراۋەر، ئىنسانلار مەدەنىيىتى باراۋەر بولغاچقىلا، ئالماشتۇرۇش ئۆرنەك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇلالايدۇ. 3-مەدەنىيەت كەڭ قۇرساقلىق، ئىنسانلار مەدەنىيىتى كەڭ قۇرساق بولغاچقىلا، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۆرنەك قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، مىللەت،ئىرىق، دىن ۋە ئوخشىمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىن تەركىب تاپقان دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى گىرەلىشىپ كەتكەن تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈردى. بىز ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئىچىدىن ئەقىل-پاراسەت، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئىنسانلارغا روھى مەدەت ۋە تەسەللىي بېرىپ، ئىنسانلار بىرلىكتە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مائارىپ ئىشلىرىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەتتىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇپ، مائارىپنى مەدەنىيەتكە تېخىمۇ ۋارسلىق قىلدۇرۇشىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز پەن تېخنىكا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كىشىلەرگە داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەتتىكى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئىقتىدارنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىتىپ، پەن-تېخنىكىنى ئىنسانلارغا بەخت ياراتقۇزۇشىمىز كېرەك. بىز مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەتتە تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەتنى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، دەۋرنىڭ يېڭى تەرەققىياتى بويىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادى بۇرۇلۇش ياساش ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مول رەڭدار مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلارنى توغرا مەنىۋى يىتەكچىلىك ۋە كۈچلۈك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved