گېرمانىيە: شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيەگە قىلغان زىيارىتى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى
گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى جابرېئىل يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيەگە قىلغان زىيارىتى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرى بار، ئىككى دۆلەت ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى، ئۆز رايونىدا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ماتورىلۇق رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئالايلۇق: مۇھىت ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى قاتارلىقلار. ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشى تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق بولماقتا. جابرېئىل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ھازىرغىچە ياخشى ۋە قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل