باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
شى جىنپىڭ بېلگىيىدە چىقىدىغان «كەچلىك گېزىت»تە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
2014.03.31 10:39     مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  29-مارت بېلگىيىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگىيىدە چىقىدىغان «كەچلىك گېزىت»تە «جۇڭگو ياۋروپانىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى، تۇرمۇشنى بارغانچە ياخشىلايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  شى جىنپىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېلگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپلىك سودا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن مىڭ ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى، بېلگىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 6-چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىشى داۋاملىق ئاشتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگونىڭ بېلگىيەگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئون ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، شۇ جاي ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ ياۋروپا جۇڭگو سەنئەت بايرىمى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: يېڭى ۋەزىيەت جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ نوپۇسى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4 تىن بىر قىسمىنى، ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئىقتىساد يەرشارىلىشىش، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىش، جەمئىيەت ئۇچۇرلىشىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى ئىككى تەرەپلىكتىن ھالقىپ، بارغانچە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىككى چوڭ بازار، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيەت.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى دەۋرنىڭ تاللىشى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپادىكى 1 مىليارد 800 مىليون خەلقنىڭ تاللىشى، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved