باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
لى كېچياڭ لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەت تەكشۈردى
2014.03.31 10:39     مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 26-مارتتىن 28-مارتقىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى ئايلىنىشىنى ساقلاش ۋە سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى-ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. لى كېچياڭ خەنخۇا پەن-تېخنىكا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتىگە بېرىپ، بۇ يەردە رەسمىيەت بېجىرىۋاتقان خېرىدارلاردىن قەرز پۇل ئۆسۈمى، رەسمىيەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، شىركەت مەسئۇللىرىدىن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قانداق تەكلىپىنىڭ بارلىقىنى سورىدى ھەم ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان تارماقلار مەسئۇللىرىدىن بۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لى كېچياڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تىجارەت زالىدا، خىزمەتچىلەرنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش-يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يۈز مىليون ئادەمنىڭ ئۈچ خىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى شۇنداقلا كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىش ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. لى كېچياڭ ئۇلانغاد شەھىرى تېنەن كەپىلىك مەھەللىسىگە بېرىپ، ئۆيلەرنىڭ بەك كونىراپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ يامغۇر ياغسىلا ناھايىتى دەككە-دۈككىدە قالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار بىزگە تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇردى. ھۆكۈمەت چوقۇم كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، كۆپچىلىكنى بالدۇرراق يېڭى ئۆيگە، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ.

  بۇ يىل ئىچكى موڭغۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالدىكى نۇرغۇن جايلاردا قۇرغاقچىلىق بىر قەدەر ئېغىر بولدى، ئۇلانغادتا قىش بويى قار ياغمىدى. نۆۋەتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ جىددىي مەزگىلى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى-ئاساس، دېھقانلار-تۈۋرۈك، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتىغا كۆپ خىل يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىر مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved