باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
دۆلەت رەئسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە سودا-سانائەت ساھەسى ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى
2014.03.31 10:39     مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  دۆلەت رەئسى شى جىنپىڭ 29-مارت دۇسسېلدوروفتا جۇڭگو-گېرمانىيە سودا-سانائەت ساھەسى ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى ھەمدە «جۇڭگو پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى شەرھىلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە قول تۇتۇشۇپ، سەمىمىي ھەمكارلاشسىلا، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ گۇزەل ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە بىر بىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مېنىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيەگە قىلغان زىيارىتىمدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى كۆپلىگەن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، بۇ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىغا زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگىمۇ ئۈلگە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى بېكىتتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ يارىتىپ بېرىدۇ. بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرى، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر-بازارلىشىش، يېزا-ئىگىلىكىدە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئىچكى ئامىل ناھايىتى تولۇق. جۇڭگونىڭ سىجىل، مۇقىم راۋاجلىنىشى گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق شېرىكلىرىگە غايەت زور بازار ۋە پۇرسەت ئىلىپ كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە قول تۇتۇشۇپ، پۇختا قەدەم بېسىپ، سەمىمىي ھەمكارلاشسىلا، چوقۇم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنىرگىيە مىنىستىرى گابلېر، شىمالىي ۋېستچېستېر شىتاتىنىڭ باشلىقى كىرافتوفلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيەگە قىلغان زىيارىتى گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، گېرمانىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدۇ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دېدى.

  شى جىنپىڭ زىياپەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە كېڭەيتىشكە رىغبەتلەدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved