قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنىڭ رايون ئارا بۆلىكى قامال قىلىندى (1)
تۆمۈريول ئېلېكتىر ئىشلىرى خادىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
تەڭرىتاغ تورى تېز خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12-فېۋرال سائەت 17:19:52 دە، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكتىن ، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنىڭ خوتەندىن قاراقاشقىچە بولغان ئارىلىقى قامال قىلىنغان ، نۆۋەتتە، تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى لىنىيە ۋە ئەسلىھەلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، چاتاق يوقلىقى (ياخشى ئىكەنلىكى) جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئېچىۋېتىلىپ، نورمال يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل