باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئىككى يىغىن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ
2013.11.15 10:07     مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 2013-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېقىندا ئىچىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قەلبىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلايدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كاتتا يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلاھاتدىن ئىبارەت «بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىر»نىڭ قانداق ياخشى ئىشلىتىلىشىگە دىققەت ئېتبارلار مۇجەسسەملەنمەكتە.

  2012-يىلى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 50 تىرىليون يۈەنلىك پەللىگە يەتتى، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرچە كىرىمى ئايرىم- ئايرىم 24 مىڭ 565 يۈەن ۋە 7 مىڭ 917 يۈەنگە يەتتى، 1978-يىلى بۇ سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا 364 مىليارد 500 مىليون يۈەن، 343 يۈەن ۋە 134 يۈەن ئىدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.9 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، دۇنيادىكى تۆتتىن بىر قىسىم نوپۇسىنىڭ تۇرمۇش ھالىتى ۋە تۇرمۇش شەكلىدە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئوتتۇرھال كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

  جۇڭگونىڭ 30 نەچچە يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا، ئۈچ چوڭ تەرەققىيات مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈردى، ھەر بىر مەزگىل تەخمىنەن 10 يىل بولۇپ، دەل ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈچ باسقۇچىغا توغرا كەلدى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدىكى ھوقۇقنى قويۇۋېتىپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىسلاھاتى، 90-يىللاردىكى بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، يېڭى ئەسىردىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى ۋە بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىسلاھاتى. بۇ ئۈچ نۆۋەتلىك ئىسلاھات يەككىلەر ۋە كارخانىلارنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن، قاتلاملاشقان پىلان ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ئازاد قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھاياتى كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى 3-قېتىملىق ئاچقۇچلۇق تارىخى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تەھلىل قىلغاندا، 2006-يىلى جۇڭگو دۇنيادىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جەھەتتە 1-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، 2009-يىلى دۇنيادىكى 1-چوڭ مال ئېكسپورت دۆلىتىگە ، دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ پاتنېت ۋە ئاساسىي پاتنېت ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى؛ 2010-يىلى دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ياسىمىچىلىق دۆلىتىگە، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ 2011-يىلى دۇنيادىكى 1-چوڭ سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى؛ 2012- يىلى دۇنيادىكى 1-چوڭ مال ئىمپورت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved