تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم: كېلىڭلار دوستلار،جوڭگۇ ئارزۇسىدا بىللە ئىلگىرلەيلى(2)
سىز، بىز ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىمىز،جاھاندىن ئاغرىنغانلىق-ئۆمۈرنى زايە قىلغان بىلەن باراۋەر. ھەممىمىزدە ئىجىل-ئىناق، سەمىمىي، باراۋەر، ئۆز ـ ئارا ھۆرمەتلىشىپ ياشاشقا ئىنتىلىشتەك گۈزەل ئارمان بار.بۇ ئەلۋەتتە مەڭگۈلۈك ئارمان، بۇ ئارمان گۈزەل ئارزۇلىرىمىز بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، گۈزەل ئارزۇ ئالدىدا يەنە ئالغا ئىنتىلمەسلىك، جاھاندىن، دەۋردىن، پۇرسەتتىن خەۋەرسىز قېلىشتەك بىخۇدلۇق ھىچكىمنى خۇرسەن قىلالمايدۇ،شۇڭا ئالىيجاناپ،گۈزەل جوڭگۇ ئارزۇسىدىن ھېچكىم چەتتە قالمىسۇن.
سىزدىمۇ نۇرغۇن ئارزۇلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.ئەجدادلار: «قىيىنچىلىقتىن،تەدبىر كۆپ»دەيدۇ، شۇڭا ئالدىڭىزدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغانغا تەدبىر ئىزدەڭ.
گۈزەل ئارزۇــ گۈزەل مەنزىل،گۈزەل ئارزۇغا يېتىشتە ئەقىل ـ ئىدراك بۇلۇشتىن باشقا جەمئيەت،سىياسەت، پۇرسەتنى چۈشىنىدىغان ئۆتكۈرلىكىڭىز بىللە ھەمرا بولسۇن، سىز باسقان ھەر قەدىمىڭىزدە قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە ئىلتىجا قىلىڭ.
مىڭ ئېغىز قۇرۇق سۆزدىن بىرلا دەلىل بولسلا كۇپايە، قائىدە ـ نىزام بىلگەنلەرنىڭ ئىلگىرلەش يولى بارغانسىرى راۋان، تېز بولىدۇ.سىز بىر چاغلاردا:« بوۋامنىڭ ئارزۇسنى چوڭ دادام ئەمەلگە ئاشۇرۇپتىكەن،چوڭ دادامنىڭ ئارزۇسىنى دادام ئەمەلگە ئاشۇردى،دادامنىڭ ئارزۇسىنى مەن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن»دېگەن ئىدىڭىز،ئۇلار ئىزچىللىققا ئىگە يانداش گۈزەل ئارزۇلار ئەمەسمۇ؟
گۈزەل ئارزۇ بولغان ئىكەن ئۇ چۇقۇم ئالغا ئىلگىرلەش ئارزۇسى، قۇدرەت تېپىش ئارزۇسى.
ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرى ــ جۇڭگو ئارزۇسىغا مەڭگۈلۈك تۇتاش، ئۇبىر ئۈزۈلمەس دىل رىشتىسى.
كېلىڭ دوستلار، جۇڭگو ئارزۇسىدا ھەممىز بىللە ئىلگىرلەيلى!
بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم يازغان
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل