باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئاممىۋى لۇشيەن: خەلق پارتىيەسىنىڭ ھاياتلىق سىزىقىنى قوغدايلى
ــ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا
  رېن جۇڭپىڭ
2013.11.06 11:18     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  لۇشيەن مەسىلىسى ــ تەقدىرنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش.

  2013-يىلقى 10 ئايدا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئارىدىن 19 يىل ئۆتۈپ يەنە ھىندېنوزىيەدە ئېچىلدى، «جۇشقۇن ئاسىيا» قانداق قىلىپ «دۇنيا موتورى» بولۇش ئۈمىدىدىن چىقىدۇ؟ بۇنىڭدا 21 ئەزا دۆلەتنىڭ تاللىشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى داۋالىنىش ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىدى، فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق بولمىغان تارماقلىرى مەجبۇرىي تاقالدى، قەرزنىڭ يۇقىرى چېكى كىرىزىسى كىشىنى بۇرۇقتۇم قىلىپ تۇرماقتا. خىمىيەۋى قورال چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سۈرىيەگە يېتىپ باردى، ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى داۋاملىق تىركەشمەكتە … دۇنيا ئىستىقبالى «ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى» تۈپەيلىدىن قاراڭغۇلۇققا پۈركەندى. قۇياش سىستېمىسى ياقىسىدا ئۇچۇۋاتقان «سەيياھ-- 2» ناملىق تەكشۈرگۈچى قالدۇرغان ئۇچۇر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ: «خەيرى خوش ئىنسانلار، ئۆزۈڭلار بىلىپ ئىش قىلارسىلەر.»

  جۇڭگودا، دۆلەت بايراملىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭدا جامائەت پۇلى ئىستېمالىنى توسۇش كىشىلەر دىققىتىنى تارتقان يارقىن نۇقتىدۇر. دۆلەت بايرىمى ھارپسىدا، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى جىددىي يىغىنى ئاچتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بولسا پائالىيەت ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا باشتىن-ئاخىر قاتناشتى، يىغىندا رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى تەنقىد ۋە ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كىشىلەردە يېپيېڭى تەسىرات پەيدا قىلدى.

  كېلەچەككە نەزەر سالساق، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى دىققەتنى تارتماقتا. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، 35 يىل دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگودا تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى قانداق قىلىپ ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى قانداق قىلىپ كېڭەيتىش كېرەك؟ بۇنىڭغا 1 مىليارد 300 مىليون خەلق كۆز تىكمەكتە. بەئەينى بىر ئىستىئارە، 1-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بوران-يامغۇردا چىقىرىلدى، بۇ دۆلەتنى پۇرسەت ۋە خىرىسلار كۈتمەكتە. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
相关专题
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved