غەربىي شىمالدىكى تۇنجى پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە تىجارەت باشلاندى
2013.11.06 11:14
1-ئۆكتەبىر غەربىي شىمالدىكى تۇنجى پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىجارەت باشلىدى. شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى مەبلەغ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش، پاي ھوقۇقىنى تىزىملاش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارغا كۈچلۈك ياردەم بېرىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى يەنە ‹‹شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يولى ئىسخېمىسى پىلانى›› ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىلاندا شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئوبيېكىت قىلىنغان، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنى سەھنە قىلغان بولۇپ، ئاكسىيە شىركەتلىرى، بوغالتىرلىق ئىش ئورۇنلىرى، ئادۋوكاتلىق ئىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىچىلىك ئورگانلىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ، بانكا، ھاۋالە قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىجارە بېرىش قاتارلىق ھەر خىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى شەكىللەر ئارقىلىق تىجارەتچىلەرنى تەمىنلىگەن. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دەسلەپكى بەرپا بولۇش باسقۇچى، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچى، پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىلاردىكى تەلىپىگە ئاساسەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىش باشلاش، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كاپىتال ياردىمى ۋە يۈرۈشلۈك مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدا تۇنجى تۈركۈمدە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارنىڭ سانى 146 گە، ھاۋالە قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى 204 كە، تىزىملاتقان كارخانىلارنىڭ سانى ۋاسىتىچىلىك ئورگانلىرىنىڭ سانى 24 كە، ھېساب ئاچقان لاياقەتلىك ئورگانلارنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىدىن 90 غا يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل