3- ئومۇمىي يىغىنغا نەزەر: جۇڭگو كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلەتتى
جۇڭگونىڭ گوۋۇيۈەنى يىل بېشىدا «كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە ساھەلەردە كىرىم تەقسىماتى ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش بولدى. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يولى ئۈستىدىكى بىر ئىزدىنىش ھەمدە 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يغىنىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان بۇ مۇھىم ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالغا سىلجىتىشكە ئىنتىزار بولماقتا.
10-ئايغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ، كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى مىراس بېجى، ئۆي-مۈلۈك بېجى قاتارلىق باج قوراللىرىدىن قانداق پايدىلىنىپ ياخشىلاش ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە مۇلاھىزە قوزغالدى.جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ ئاممىۋى سورۇندا ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى، گەرچە ئالاقىدار تەرەپلەر ھۆججەت ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە يەنىلا دە-تالاشتا تۇرماقتا. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، زادى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى باش بولۇپ دۆلەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجىغا دائىر قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەكمۇ ياكى باشقا ئىسلاھاتلارغا ئوخشاش باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناق قىلىش يولىنى تۇتۇش كېرەكمۇ، مانا بۇ تالاش-تارتىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل