باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
<جۇڭگو ئارزۇسى>نى روياپقا چىقىرىش، ياشلار دادىل زېممىسىگە ئېلىش(1)
2013.06.17 18:23     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  «4 – ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ماي جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، «<جۇڭگو ئارزۇسى>نى روياپقا چىقىرىش، ياشلار دادىل زېممىسىگە ئېلىش» باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ھەرساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى ياشلاردىن بايراملىق ھال سورىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30:9دا، شى جىنپىڭ جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، بوشلۇق تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. كۆرگەزمىنى كۆرۈۋاتقان بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇجىنىڭ قېشىغا كەلدى، شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى، ئالەمگە ئۇچۇش تېخنىكىسىدا قوللىنىلىدىغان كەسىپلەر، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق رېئال جىسىملار كۆرگەزمىسى ئالدىدا ھەم ئالەمگە ئۇچقان نەچچە ئەۋلاد ياشلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئالدىدا تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، ياش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتچىلىرى بىلەن پىكىرلەشتى. شى جىنپىڭ ئالەم قاتنىشى پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئاساسەن ياشلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى پەن – تېخنىكىدا، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالەم قاتنىشى ياشلار پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇ خىل روھنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن يىغىن زالىغا كېلىپ، ھەرساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ياشلار ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جەسۇرانە ئىلگىرىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ راۋاجلىنىشتەك ياشلىق ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسى بىلەن زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئارزۇسى» تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئارزۇ؛ دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ، شۇنداقلا ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى؛ بىزنىڭ، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ياشلىرىمىزدىن زور ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئۈمىد زور. ياشلار دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، غايە – ئېتىقادنى ئىلمىي نەزەرىيەگە بولغان ئەقلىي تونۇش، تارىخىي قانۇنىيەتكە بولغان توغرا تونۇش، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگلەش ئاساسىغا قويۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى؛ بىلىمنى يېڭىلاشتىن ئىبارەت تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، شارائىتى جاپالىق ئاساسىي قاتلام، دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپى، تۈرلەر بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىنقى سېپىدە دادىللىق بىلەن چېنىقىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتى ۋە كەسىپ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ساپا ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ ئىدىيەدە دادىللىق بىلەن ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجادىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، نەتىجە قازىنىشى؛ سوتسىيالىستك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، باشتىن – ئاخىر ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، ياخشى ئەخلاق، ساپا، ساغلام تۇرمۇش، قىزىقىشىنى ساقلاپ تىرىشىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىدىكى ئىختىساسلىقلار، تايانچ كۈچلەرگە ئايلىنىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved