باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى
ـــ شى جىنپىڭنىڭ «28-ئاپرېل» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)
2013.06.17 18:23     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز لازىم.

  ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى رولى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. كەڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ ۋە كەسپىنى سۆيۈپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، غايە-ئېتىقادى مۇستەھكەم نەمۇنىچىلاردىن، ئىجتىھاتلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى؛ زامانىمىز ئىشچىلىرى كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەقىل-پاراسەتكە، تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى، ئىجاد قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتالايدىغان بولۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئەمكەك نەمۇنىچىلىرىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخۇرلۇق قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ تايانچ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئۈزلۈكسىز نۇرلاندۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۆزى باشلامچى بولۇش ئارقىلىق ئاممىنى يىتەكلەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved