باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى: ‹‹ئەڭ قاتتىق تۈزۈم›› نى ئەڭ كەسكىن ئىجرا قىلىش كېرەك
2013.06.18 17:14     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  ئاشلىق ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى. خەلقنىڭ شەكسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيىتى. يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەك – ئىچمەك، دورا سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە بىخەتەرلىك ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىغا ساختا ئارىلاشتۇرۇش ۋە ساختا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ساختا، ناچار ۋە سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك بەدەل تۆلىتىش كېرەك. بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى ئىزچىل ئېنىق ۋە قەتئىي بولدى. شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاشكارىلىنىدىغان چاتاق يېمەكلىكلەر يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.

  چاتاق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى، بىر تەرەپتىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر ھەم قىيىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەسلىدىكى يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش تەننەرخىنى تېجەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، دۆلەت قانۇن – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇردى.

  ‹‹ئەڭ قاتتىق تۈزۈم›› نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەسكىن ئىجرا قىلىشقا تايىنىش كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلماسلىق، قاتتىق جازالىماسلىق يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنىڭ كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved