شىنخۇا تورى ئوبزورى: قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشنى شەخسىي ئىناۋەت بىلەن قانداق چېتىش كېرەك؟(1)
2013.06.18 08:25
2-دېكابىر جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنى شەخسىي ئىناۋەت، سۇغۇرتا، كەسپىي ئىجازەت قاتارلىقلار بىلەن چېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (3-دېكابىر «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»)
قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنى شەخسى ئىناۋەت بىلەن چېتىش مۇقەررەر يۈزلىنىش، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك ۋە قېلىپلىشىشىغا قاراپ مېڭىشىدىكى زۆرۈر جەريان. لېكىن بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن بەزى ئاساس خارەكتېرلىك، ئالدىنقى شەرت خارەكتېرلىك شەرتلەرنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز بىر يۈرۈش ئىناۋەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ مۇكەممەل بولمىغان جايلىرىنىمۇ ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بانكىلارنىڭ كرېدىت ئىناۋەت سىستېمىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، پۇقرالار ئىناۋىتىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالدا زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشنى شەخسىي ئىناۋەت بىلەن چېتىشتا بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلانماقتا، مەسىلەن : كىمنىڭ سۆزلىگىنى ھېساب بولىدۇ، قانداق چېتىش كېرەك، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى سۈيئىستىمال قىلماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ؟
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە