پارتىيە گېزىتى: ساپ سۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئۇزۇن مۇددەت ئىچكىشكە بولمايدۇ، دېگەن تور خەۋەرلىرنىڭ ئاساسى يوق
بىر مەزگىلدىن بۇيان، «ساپ سۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بولمايدۇ»، «شەھەرلەردىكى بوتۇلكىلىق سۇلارغا چىرىتمەس دورا قوشۇلغان، ئاز ئىچىش كېرەك» دېگەندەك سۇغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەپقاچتى گەپلەر تارقىلىپ، سۇغا ئالاقىدار بەزى «ساغلاملىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرى»مۇ كىشىلەرنى دىلغۇلا قىلىپ قويدى. شەھەرلەردە سېتىلىۋاتقان ئىچىملىك سۇنى ئۇزۇن مۇددەت بىخەتەر ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ-يوق؟ خەلق گېزىتى «ئىسپات توپلاش» سەھىپىسىنىڭ مۇخبىرى شياڭگاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.
شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ مىڭفۇ مۇنداق دېدى، ئىلىم-پەندە «ھاياتلىق ئىئونى» توغرىسىدا كۆز قاراش يوق. ساپ سۇ سۈزۈش، قىزىتىش، دىستىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ساپلاشتۇرۇلغان سۇنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ماددا قوشۇلمايدۇ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ساپ سۇنىڭ تۈرلىرى ئوخشاشمايدۇ، مەسىلەن، سۈزۈش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تەييارلانغىنى سۈزمە سۇ بولىدۇ، قىزىتىپ دىستىللەش ئارقىلىق تەييارلانغىنى دىستىللەنگەن سۇ بولىدۇ. سۈزمە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان سۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاز مىقداردىكى ئېلېمېنتلار بولىدۇ، يۇقىرى گىرادۇستا بىر تەرەپ قىلىپ تەييارلانغان دىستىللەنگەن سۇنىڭ تەركىبىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئېلېمېنتلار بولمايدۇ.خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇڭجى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى لۇ چىڭ مۇنداق دېدى، ساپ سۇ ھېچقانداق ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالتسىي، ماگنىي، كالىي، ناترىي قاتارلىق ئادەم بەدىنى زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ئېلېمېنتلار كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە