باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: جۇڭگو ئۈچۈن كېيىنكى 10 يىلنى قولغا كەلتۈرەيلى
2013.06.18 17:08     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى پىكىر يولى توغرىسىدا
  باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتى تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ۋە جۇشقۇن، جانلىق، يېڭى كەيپىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈسى.

  خۇددى ۋاقىتنىڭ يېڭى بىر ئىشىكى ئېچىلغاندەك، جۇڭگو يېڭى بىر تەرەققىيات ھالىتىگە قەدەم قويدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 7 دائىمىي ئەزاسى قىزىل رەئىس سەھنىسىدە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش، بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىپ رەھبەرلەر سەمىمىي قول ئېلىشقاندىن كېيىن، يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى رەسمىي سەھنىگە چىقتى. جۇڭگونىڭ كېيىنكى ئون يىلى باشلاندى. يېڭى بىر سەپەرگە ئاتلانغان جۇڭگو جۇڭگو ئارزۇسىغا قانداق مەزمۇنلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.

  «ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش»، بۇ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىكى خىتاب سۆزى؛ «قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنى ئەزىزلەش»، بۇ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئىدىيەسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۆت ئايدىن بۇيان جاكارلانغان ئىدىيەلەرگە جۈر بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتەك ئەمەلىي تەدبىرلەر، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشتىكى كەسكىن ۋاسىتىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى پىكىر يولىنىڭ روشەن كارتىنىسىنى سىزىپ بەردى. يۆنىلشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچ، مەسىلە ئۈستىدىكى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە چوڭ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش «جۇڭگو» ناملىق بۇ غايەت چوڭ پاراخۇتنى تېخىمۇ كەڭ دېڭىزغا مۇقەررەر باشلىغۇسى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved