باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ‐ خەلقنىڭ ئارزۇسى
2013.06.18 17:07     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  بۇ يىلدىن بۇيان، بىر قىسىم جايلاردا بۇلغىنىش مەسىلىلىرى مەركەزلىك ئاشكارىلاندى، تۇمانلىق ھاۋا، ئېچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، تۇپراقتىكى ئېغىر مېتال مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىقلار جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ۋە ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسنى قوزغىدى. «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم، بۇمۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، قانداق ئۈستىمىزگە ئالىمىز دېگەنلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈشى زۆرۈر.

  «ھەم ئىقتىسادىي بايلىق يارىتىشىمىز، ھەم گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك»، «ھازىرقى تەرەققىياتنمۇ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىمۇ ئويلىشىمىز لازىم». ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا، قانداق شەكىلدە تەرەققىي قىلىش، قانداق تەرەققىي قىلىش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش سالمىقى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، كەسكىن ھەرىكەت ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە «مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىشى» يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا رازىمىزكى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم يولىدا چوقۇم ماڭىمىز دېگەن قەيسەر ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئىپادىلەپ بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved