ئەمگەك ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:خەلق گېزىتىدە 1-ماي ئەمگەك ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.
باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئەمگەكنى مەدھىيىلەش، ئەمگەكچىلەرگە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نەمۇنىچىلارنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، نەمۇنىچىلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. 1-ماي ھارپىسىدا يولداش شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەمگەكنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. ئېلىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تارىخى تۆھپىسى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ غايەت زور تۆھپىسىنى قىزغىن مەدھىيىلەپ، بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر نىيەتكە كېلىپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇش ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە؛ سەنشيا قۇرۇلۇشىنى قىلىش، چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىدىن ئىبارەت ئەسىر قۇرۇلۇشىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان يۈز يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە؛ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭ يېتىلىش ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە بولغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن. شۇنچە كۆپ ھالقىش تەر سۇدەك ئېقىش بەدىلىگە كەلگەن. شۇنچە كۆپ ئۇلۇغ ئارزۇلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مېڭىش بەدىلىگە كەلگەن. ئەمگەك ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان زامانىۋى جۇڭگونى مەيدانغا كەلتۈردى. شۇنداقلا ئەمگەكلا بۈگۈن بىزنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە