تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ھورۇنلارنى بېقىش دېگەنلىك ئەمەس
ئەمگەك ئىقتىدارى تۇرۇپمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولسا بۇ ئادىل بولامدۇ؟ نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ، ئىچكى موڭغۇل شەھەر-بازارلىرىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلسا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، دېدى.
ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەندەك، بۇنى قوللايدىغانلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى «ھورۇنلار»نى باقىدىغان دەسمايە ئەمەس، ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم، دېيىشتى. قارشى تۇرىدىغانلار بولسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەربىرەيلەننىڭ قىيىنچىلىقى بار، كەڭ قورساق بولۇش كېرەك، دېيىشتى. بۇ مەسىلىگە قانداق قاراش كېرەك؟ يەنىلا دەسلەپكى تۈزۈم لايىھەسىگە قايتىش كېرەكمۇ؟
تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى بىكاردىن-بىكار جەمئىيەتتىكى ھورۇنلارغا يارەم بېرىدىغان ئەەەس بەلكى شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ياردەم بېرىدىغان تۈزۈم؛ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى تارقىتىشتا «كۈن ئۆتكۈزۈش رەپتارىغا كىرىۋالغانلار»نىڭ بېشىنى سىيلاش ئەمەس، ئەكسىچە چەكلىك بايلىقنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئادەملەرگە ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە