باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك
2013.06.17 17:24     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  (2013 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى)
  گوۋۇيۈەن يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ‹‹2013 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسدىكى پىكىر››ىنى تەستىقلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش بۇيىلقى ئىسلاھاتنىڭ بىر روشەن يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دورا، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش كېرەك. كاپالەتلىك ئۆي تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى بىرلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دىكى تەلەپلەر بويىچە، كاپالەتلىك ئۆي تەقسىملەش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خاتانى تۈزىتىش، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەقسىمات ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقەتەن تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كاپالەتلىك ئۆي بېرىش كېرەك.

  ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە چوڭ كېسەللىكلەر كاپالىتى ۋە پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ھەجىمىنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  خەلقنىڭ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە قارىتا ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا يېمەكلىك، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تارماقلار ئارا، رايونلار ئارا يېمەكلىك، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك، دورىلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بىخەتەرلىكى ئىجازەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئامما نازارەت قىلىش، جامائەت پىكرى نازارەت قىلىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك كەسىپتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۇھىت ئاسراش، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشتا قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىلمىي ئېكولوگىيە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەك. رايونلار ئارا مۇھىت تۈزەشتە بىرلەشمە ھەرىكەت تۈزۈمى ۋە ھەمكارلىق تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلەر تۆلەم تۆلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاتموسفېرا، سۇ، يېزا (تۇپراق)لارنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە ئائىت ئۇنىۋېرسال سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈش كېرەك.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved