جيا گاۋجيەن: ماتېرىيالىزىملىق تارىخ قارىشى بىزگە نېمىلەرنى ئېيتىپ بەردى
ماتېرىيالىزىملىق تارىخ قارىشى ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ماركىسىزىملىق پەلسەپەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى. ئۇ جەمئىيەت ۋە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاپ بېرىپ، بۇ ساھەدىكى تونۇش ۋە ئەمەلىيەتنى ئاساسىي مىتودولوگىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشىقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا، ماتېرىيالىزىملىق تارىخ قارىشى مېتودولوگىيەسىگە ئەمەل قىلىشىمىز شەرت.
ئۇنداقتا، تارىخىي ماتېرىيالىزىم پەلسەپە تارىخ قارىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ بۇنىڭدىكى مىتودولوگىيەنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ مەسىلە نۇرغۇنلىغان جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
جەمئىيەت ۋە تارىخ ساھەسىدە خۇددى تەبىئەت ساھەسىگە ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىغان ئوبىيكتىپ قانۇنىيەت بولىدۇ؛ ئادەم ئەمەلىيەتنىڭ سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق رولىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ بىزدىن ئوبىيكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش بىلەن ئادەمنىڭ سۇبىكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەشنى، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىجادىي ئەمەلىيەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە