باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

ئەزا پاتىمە مەخمۇت : ئاياللار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى

2013.03.08 09:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن(8-مارت) ، 103 -قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەنە ئاشۇ ئاياللىرىمىزغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىل ۋە ئەزالىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردا ئۆز بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا تىرىشماقتا.

  بۈگۈن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى پاتىمە مەخمۇت ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۈگۈن ئۇنىڭ بايرىمى ھەم تۇغۇلغان كۈنى. ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، ھەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنى ۋە بايرىمىنى پايتەختىمىز بېيجىڭدا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۆتكۈزمەكتە. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئانىلار، ئاياللار ئۇلۇغ، ئاياللىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بىز ئاياللار ساغلاملىقى ھەم ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پاتىمە ئادوۋكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى پاتىمە مەخمۇت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئۆزبىك ئايال ئادوۋكات. ئۇ خەلق ئۈچۈن ئىش بىجىرىدىغان، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان كەسىپچان ئايال.

  ئۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش يولىدا، ئاياللارغا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا، << ئېغىر كېسەل بولغان ئاياللارغا داۋالىنىش تولۇقلىمىسى بېرىش>>، << جورىسىز ئانىلار كوللېكتىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش>>، << ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسى>> قاتارلىق ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق 20 دىن ئارتۇق تەكلىپ سۇندى. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى كوللېكتىپىنىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئاياللار-بالىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ـــ جەمئىيەتنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. ئاياللار ۋە بالىلار ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاياللار ۋە بالىلار ساغلام بولمىسا، ئائىلىلەردە ئىناقلىق ۋە بەختنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ ئۇلى بوشاپ كېتىپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دېگەن گەپ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئانىلار-بالىلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئەمما جۇغراپىيەۋى مۇھىت، ئىقتىسادىي شارائىت سەۋىيەسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مائارىپ سەۋىيەسى، شۇنداقلا سەھىيە بايلىقى ، مەبلەغ كەمچىل بولۇش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، ئانىلار-بالىلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ۋە ئاياللار-بالىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجى يەنە تەسىرگە ئۇچرىدى. 2010-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرى خىراجىتى 10 مىليارد 356 مىليون يۈەن بولۇپ، 2000-يىلىدىكىدىن 2.9 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئانىلار-بالىلار سەھىيە ئىشلىرىنىڭ خىراجىتى 169 مىليون يۈەن بولغان، گەرچە 2000-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئاشقان بولسىمۇ، خىزمەت خىراجىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئانىلار-بالىلارنىڭ سەھىيە خىزمىتىنىڭ نۇرمال يۈرۈشۈشى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاياللار-بالىلارنىڭ سەھىيە تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئەمەلىيلەشكەن ‹‹تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلىتىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۆۋەنلىتىش›› تۈرى، ‹‹ئانىلار ساغلاملىقى تېز ئاپتوموبىلى›› تۈرى قاتارلىقلار تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا تۇغۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا قاتما كېسىلى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈپ بۆلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئانىلار-بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ساقلىق ساقلاش ئورگىنى قۇرۇپ، ئانىلار-بالىلار ئاپپاراتى ۋە ئانىلار-بالىلار تېخنىك خادىملىرى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئانىلار-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ھەر مىللەت ئاياللار-بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاياللار-بالىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}