9-مارت، چۈشتىن بورۇن، خاسىيەتلىك كېمە 9-نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ليۇياڭ تۇرۇشلۇق جىڭشى مىھمانسارىيىدا كوللېكتىپ يىغىنغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرى ئۇنىڭ ئالدىنى «توسۇپ» شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن سالىمىنى يوللىدى، ليۇياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن «سىز شىنجاڭغا بېرىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئالدىرش كېتىۋاتقان ليۇ ياڭ ماڭغاچ «شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل» پۇرسەت بولسا چوقۇم بارىمەن ـ دېدى.(ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرى سوڭ جۈن فوتوسى)