تەڭرىتاغ تورىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى : مارتتا ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› داغدۇغىلىق ئېچىلدى ، بۇ ئارىلىقتا ، يەنە بىر ‹‹8-مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلدى ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› نى زىيارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق ئايال مۇخبىرلار ئۆز خىزمەت ئورنىدا بايرام ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى ، ئايال مۇخبىرلارنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› دىكى كۆتۈرەڭگۈ ، جانلىق ھالىتى سۈرەتتە خاتىرىلىنىپ ، ئۆزگىچە گۈزەل بىر مەنزىرە نامايان بولدى .