باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>ئوبزور

ئەلنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئىگەللەپ، يول خەرىتىسى تۈزۈش

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئوبزورى

2013.03.05 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: تۈنۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىن مەزگىلىگە كىردى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا يېڭى دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. 18-قۇرۇلتاي روھىغا ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ.

  بارلىق قارالمىلار مۇشۇ يېرىم ئايلىق يىغىن مەزگىلىدە ۋۇجۇدقا كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ قارالمىلار جەمئىيەتتە ئۇزاق مۇددەت مۇزاكىرە قىلىنىش ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەل رايىنى تولۇق ئىگەللەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. پۇقرالار ئىككى يىغىندا ئەلنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ئورتاق تونۇشنىڭ مۇجەسسەملىنىشىنى، ھەرىكەت پىلانلىنىلىشىنى، دېموكراتىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى مول نەتىجىلەر ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىلىشىنى كۈتمەكتە.

  دۆلەتنى باشقۇرغانلىق ئائىلىنى باشقۇرغانغا ئوخشايدۇ، جاپاسىز ھالاۋەت بولمايدۇ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئىقتىساددىكى نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەمما مۇھىت بېسىمىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا سېلىنغان سېلىنما كۆپەيدى، ئەمما پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە تېخىمۇ ئورتاق كېڭىشىشكە، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئەڭ مۇھىم، تەرەققىياتتا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە چوڭ كىچىك ھەممەيلەننىڭ كۈچى قىممەتلىك، ئالدىمىزدىكى مەنزىلنىڭ داغدام بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما يولدىكى توسالغۇلارنى تازىلاپ، توغرا يولدىن قېيىپ كەتمەي، داۋاملىق ئالغا مېڭىۋەرسەك، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىمىزنى ھىچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}