- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 26 مىڭ 583 تەكلىپكە جاۋاب قايتۇردى
2013.03.05 14:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، 28 مىڭ 930 تەكلىپ تاپشۇردى، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق 26 مىڭ 699 تەكلىپ تۇرغۇزۇلدى. 2013 – يىل 20 – فېۋرالغىچە 26 مىڭ 583 تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇلدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەن گاڭ 3 – مارت چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تەكلىپ ۋە پىكىر قوبۇل قىلىندى ھەم بۇ تەكلىپ – پىكىرلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ياكى تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىقىتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سوتسيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشكە پائال تۆھپە قوشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر