باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
«پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى
2012.11.01 08:39    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى «پارتىيە ئىقتىساسلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش- ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. بۇ پىرىنسىپنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رېئال مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە ئىختىساسلىقلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىقتىساسلىقلارنى باشقۇرۇش يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت قېلىپى، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىقتىساسلىقلارنى باشقۇرۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ----
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved