باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      

  خۇا لوگېڭ 1910-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىنتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئەقىل ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئويلىنىدىغان مەسىلىلەردە بېرىلىپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولغاچقا، ھەمراھلىرى ئۇنى مازاق قىلاتتى. ئۇ گەرچە تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، داڭقى جۇڭگو ۋە چەتئەلگە تارقالغان ماتېماتىك . كېسەل سەۋەبىدىن ئۇنىڭ سول پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىندا ئۇنىڭ سەرخىلىنى تاللاش ئۇسۇلى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى جاپالىق ئىزلىرى بولغاچقا، «خەلقنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ھاياتىدىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو ماتېماتىكىسىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى ۋە ئاساس سالغۇچىغا، ئۇنىڭ مەخسۇس ئەسەرلىرى 20-ئەسىرىدىكى ماتېماتىكا ئەسەرلىرىدىكى داڭلىق كىتابقا ئايلانغان.

  خۇا لوگېڭ ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ چىن جىڭرۈننى بايقاش ۋە ئۇنى تەربىيەلەشتىكى ھېكايىلىرى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى بىر قىزىق پاراڭ.1985-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خۇا لوگېڭ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىلمى دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ مۇنبەردە يېقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئەڭ زور ئۈمىدىم - ھاياتىمنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىغىچە خىزمەت قىلىش» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved