خەلق تورىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 18-مارت، چاڭشا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تاراتقۇلارغا يېقىندا چاڭشانىڭ شىشۇاڭبەننا قاتارلىق جايلاردىكى ساقچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت، ئۆلكىدىن ھالقىغان ئالاھىدە چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېلودا 268 كىلوگرام مۇز زەھەر قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، سوممىسى 5 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ مىقدارى جەھەتتىنمۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان خۇنەن ئۆلكىسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان دېلو ئىكەن.
نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ دېلودىكى زەھەرلىك بۇيۇم، پۇل ۋە 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى چاڭشاغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.