باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىز

زەھەر چېكىشتىن كېلىپ چىققان پاجىئە(1)

2013.02.21 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاغىسى جىيەنىنى ئۆزىنىڭ ئالتۇن قاچىسىنى ئوغۇرلىۋالدى، دەپ گۇمانلىنىپ ئىككى يۇرتدىشىغا شىئەنگە بېرىپ جىيەنىدىن ئالتۇن قاچىسىنى ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان. ئويلىمىغان يەردىن جىيەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىن خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئىككى يۇرتدىشىنى پالتا بىلەن ئۇرغان. ئۇلارنىڭ بىرسى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، يەنە بىرى پالتا ئۇرۇلۇپ يارىلانغاندىن كېيىن دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن. دېلو يۈز بېرىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى خۇڭمىياۋ ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

  11-فېۋرال ئەتىگەن سائەت بىر بولغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىك لىيەنخۇ شۆبە ئىدارىسى خۇڭمىياۋ ساقچىخانىسىنىڭ دىجورنىلىق ئۆيىنىڭ تېلېفونى ئەنسىز سايراپ كەتتى، بىر كىشى دىجورنىلىق قىلىۋاتقان ساقچىغا تېلېفون بېرىپ زىچاڭ غەربىي يولىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا پۈتۈن يېرى قانغا بويالغان بىر ئەر كىشىنىڭ ياتقانلىقىنى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

  دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دىجورنى ساقچى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ساقچى نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى كۆرگەن ھەم شۇ ھامان 120 گە تېلېفون قىلغان. ئاندىن نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەن. يارلانغان ئەر كىشى ساقچىغا ياندىكى جىفاڭ كەنتىدىكى مەلۇم بىر مېھمان كۈتۈشتە يەنە بىر يارلانغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار دەرھال مېھمان كۈتۈشكە بارغان، ئۇ يەردىكى 299-نومۇرلۇق ئۆيدە بىر ياش ئەرنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى نەق مەيداننىڭ قان بىلەن بويالغانلىقىنى كۆرگەن. جىددىي قۇتقۇزۇشقا كەلگەن دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بېكىتىلگەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە