ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە ماقال ـ تەمسىللەرنىڭ سېلىشتۇرۇلمىسى (112)
تولا توخۇ ئوغرىلىغان تۈلكىنىڭ كۆزىنى بىر كۈنى توخۇ چوقۇلار
做事没计划,盲人骑瞎马。
پىلانسىز ئىش- قېلىپسىز خىش.
做事要做到头,杀鸡要杀断喉。
قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
做一辈子狐狸,让鸡啄了眼睛。
تولا توخۇ ئوغرىلىغان تۈلكىنىڭ كۆزىنى بىر كۈنى توخۇ چوقۇلار
做贼人心惊,偷食人嘴腥。
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
做贼只为头针起。
ئوغرىلىق بىر تال يىڭنىدىن باشلىنۇر.
做做力出,缩缩病出。
ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،
ھۇرۇندىن «ئۇھ».
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە