باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئۇيغۇرچە ـ خەنزۇچە ماقال ـ تەمسىللەرنىڭ سېلىشتۇرۇلمىسى (107)
لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە چىقماس
2010.10.28 10:23     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
只要青山在,不愁无鸟飞。
جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.

只要情意好,吃水也是甜。
تىنىچ كۆڭۈلگە تۇزسىز ئوماچ.

只要人手多,牌楼搬过河。
كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرەر.

只要日日行,不怕路程远。
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.

只有冻死的苍蝇,没有累死的蜜蜂。
تىرىشقان كامال تاپار،
تىرىشمىغان زاۋال تاپار.

只有懒人,没有懒地。
گەپ يەردە ئەمەس ئەردە.

只知路上说话,不知草里有人。
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتىراپىڭغا باق،
كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.

纸包不住火。
پاختا ئىچىدە چوغ سالغىلى بولماس.

纸鸟经不住风吹,泥人经不住雨打。
لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە چىقماس.

至亲不如好友。
جانجىگەر دوستۇڭ تۇغقاندىن ياخشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved