باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

نۇر ئەلى ئابلىز ‹‹يىللىق مۇنەۋۋەر يازغۇچى››مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.04.25 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: 2014 – يىلى ئەنخۇي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ‹‹ۋاقىت قەيەرگە كەتتى؟›› دېگەن تېمىدىكى نۇتقى بىلەن يېتەكچى ئۇستازلىرى ۋە تاماشىبىنلارنى قايىل قىلىپ، جۇڭگودىكى ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ‹‹يېڭى شەرق›› گۇرۇھىدىكى نۇرئەلى ئابلىز يېقىندا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو يازغۇچىلىرى تىزىملىكى›› ئالتۇن مۇكاپات كېچىلىكىدە ‹‹يىللىق مۇنەۋۋەر يازغۇچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنى يەنە بىر قېتىم خۇش قىلدى.

  2014 – يىلى ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق›› مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەش كۈچلۈك ماھىرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە نۇرئەلى ئابلىز ئىنگىلىز، گىرمان، ئىتالىيان، رۇس تىللىرىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ‹‹چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ نۇتقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭلىقلارنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ياشلارنىڭ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلتۇر ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەم ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ‹‹بىر يىل ئىچىدىكى 8760 سائەت›› دېگەن تۇنجى كىتابىنى نەشر قىلدۇرغانىدى. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ ئالتە ئاي ئىچىدىلا 500 مىڭ پارچە سېتىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشردىن چىقىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو يازغۇچىلىرى تىزىملىكى›› ئالتۇن مۇكاپات كېچىلىكى 23 – ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر