- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
زەپەر ئابلىز ئۇيغۇرلارغا يەنە شەرەپ كەلتۈردى
2016.04.07 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-نۆۋەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، 70 ئورۇندىن 90 مۇتەخەسسىس ئەزالىققا تاللاندى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالىي مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، شۇنداقلا دۆلەت ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىدىيە ئامبىرى ۋە ئاقىللار ئۆمىكى بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
بۇ قېتىم تاللانغان ئەزالار ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكادېمىك، تەتقىقاتچى ۋە پىروفېسسورلار بولۇپ، پىروفېسسور زەپەر ئابلىز بۇنىڭغا تاللانغان بىردىنبىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس.
زەپەر ئابلىز 1961-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى، تەتقىقاتچى، دوكتورانت يېتەكچىسى. جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى/ بېيجىڭ شيېخې تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى، دورا تەتقىقاتخانىسى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك دورا ۋە مېتابولىزىم ھاسىلاتلىرى تەھلىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى. 2014-يىلى 9-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر