باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكەن ئىككى مۇھىم ئەدىب

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

2015.12.23 18:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موللا مۇھەممەت سالىھ

  موللا مۇھەممەت سالىھ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدىن بولۇپ، ھىجىرىيە 1300-چاشقان يىلى (مىلادىيە 1882-1883-يىللىرى) يىل ئاخىرىدا تۇغۇلۇپ، 1963-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، تارىخ، دورىگەرلىك، مىللىي تىبابەت ساھەسىدە كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

  ئۇ يازغان «تارىخنامە»سىدە، بەشئېرىق بازىرىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخى بايانلىرىدىن ئەينى زاماندىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، سىياسى تۈزۈم، دىن ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئەسەر بىر قەدەر تارىخىي چىنلىققا ئىگە بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە بىلگەنلىرىنى راستچىللىق بىلەن يېزىپ قالدۇرغان. بۇ تارىخىي پاكىتلار ئاقسۇ ۋە ئاۋات ناھىيەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى ناھىيەنىڭ تارىخىنى بىلىشتە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  موللا مۇسا ئاھىنگەر

  موللا مۇسا ئاھىنگەر ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئىزلىرى توغرىسىدا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزا شەھەر مەھەللىسىدە ئۆتكەن موللا ھاپىز ئەلەمنىڭ قالدۇرغان مەلۇماتىدا: «ئاقسۇ ئاباد بازىرىدا ئىمام مۇسا ھاجىم مەرھۇمى ۋاقىت نەزۇئىي ئۆزىنىڭ ئاباد مەدرىسىگە ۋەخپە قىلغان كىتاب جەمئىي 11 پارچە ئىدى. تارىخقا 1311-بەقەر يىلى ماھ شەۋۋاننىڭ 11 سى (مىلادىيە 1885-يىلى 2-ئاي) تاپشۇرۇلغان كىتابلاردىن بىر جەزئىي ‹غارايىپ›، ‹تۆھپەتۇلغايىھ›، ‹ھەد پەند› قاتارلىقلارنى پېقىر موللا ئەلەم ئاخۇنكىم كەم ساۋات بىنازائەت. ھىمايىل قىلىپ مەجلىس-مەرىكىلەردە ئوقۇلۇپ مۇددەت-مۇددەتلەر ئۆتتى. مەندىن كېيىن بۇ كىتابنى ئوقۇغانلار بۇ كەمىنە بەبىزائەتنى ھەم دۇئايى مۇبارەكلىرىدە ياد قىلغايلار ئامىن» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، موللا مۇسا ئاۋات بازار ئىچىدە ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، 11 پارچە كىتاپ يازغان. ھىجىرىيە 1313-يىلى (مىلادىيە 1895-يىلى) مەدرىسەگە تەقدىم قىلىنغان كىتابلاردىن بىرسى ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ھىجىرىيەنىڭ 1292 يىلى (مىلادىيە 1875-يىلى) يېزىلغان. ئاپتور كىتاب ئاخىرىغا ئۆز ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات قالدۇرۇپ:

  بۇ خەتنى پۈتۈدۈم ئېتىمنى ئېيتتاي،

  موللا مۇسا ھاجى ئاھىنگەر گاداي.

  خەت ۋەرەق ئۈزرە ئالەم ئىچرە تا يۈز يىل قالۇر،

  كاتىب بىچارە ئاجىز زارە تۇپراققا بارۇر.

  دەپ يازغان.

  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، موللا مۇسا ئاھىنگەر ئاۋاتتا ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئاۋات مەدرىسىدە ئوقۇپ بىلىم ئالغان ۋە تالانتلىق شائىر بولۇپ يېتىشكەن. ئۆمرىدە توغرا يول تۇتۇپ، تۆمۈرچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. شۇڭا، ئۇ، ئۆز كەسپىنى تەخەللۇس قىلىپ، كىتابلىرىغا نامىنى «ئاھىنگەر ھاجى» ياكى «موللا ئاھىنگەر ھاجى» دەپ يازغان. تۆمۈرچىلىك بىلەن پۇل تېپىپ ھەج قىلغان. دېمەك، ئاۋات ناھىيەسىدە 18-، 19-ئەسىرلەردىمۇ داڭلىق مەدرىسلەر بولغان. موللا مۇساغا ئوخشاش شائىر ئۆلىمالارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ھازىرغىچە سېلىنغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغان ئاۋات خانىقاسىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەدرىسە بىلەن بىر قاتاردا ئاۋات بازىرىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

  موللا مۇسا ئاھىگەر ئەسەرلىرى كۆپۈنچە نەزمىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاۋات توغرىسىدا موھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

  پايدىلانغان ماتېرىيال:

  «ئاۋات تارىخ ماتېرىياللىرى» 2-توم


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر