نۇرگۈل ئەبەي،1970 – يىلى 2 –ئاينىڭ 12 – كۈنى خېجىڭ ناھىيە نەمۇدۇن يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992 – يىلى تارىم يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1992 – يىلدىن 2000 – يىلىغىچە نەمۇدۇن يېزىلىق تېخنىك پونكىتىدە ئىشلىگەن. 2000 – يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خېجىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇ«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 4–سانىدا ئېلان قىلغان «ئالتۇن»،«ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ» ناملىق تۇنجى ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ «جۇدالىق سىرى»،«ئۆتنە ئالەم»ناملىق ئىككى رومانى، «قۇم چۆگۈن»ناملىق پوۋستلار توپلىمى،«مۇھەببەت يېنىڭىزدا»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.
2011-يىلى10-ئايدا «ئانا»ناملىق ھېكايىسى 18-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،«ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن» ناملىق پوۋېستى«كروران» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «بۈركۈت پەرۋازى» مۇكاپاتىغا،«بىر ئەر تۆت خوتۇن»ناملىق پوۋستى،«قاشتېشى ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا،«گۇناھلىق سۆيگۈ»ناملىق ھېكايىسى تارىم ژورنىلى تەرپىدىن مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.