باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

شائىر، يازغۇچى دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.30 10:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياش شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، پۇتبول تەشكىللىگۈچىسى دىلشات قېيۇم نۇر 1971-يىلى 12-فۋرال غۇلجا كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانى(64-پولك)دا ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇرپان شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى شىنجاڭ پىداگوگېكا ئونۋېرسىتېتىنىڭ جوڭگۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1998-يىلغىچە تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1998-يىلدىن 2007-يىلغىچە تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كوممىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.2007-يىلى تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.

  دىلشات قېيۇم نۇرنىڭ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ ئۈچۈن»ناملىق شىئېرلار توپلىمى، «قاق بولغان ئالما»ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمى، «ئادىمىزاتسىز رايون»، «كۆك يىلان»، «سۆسۈن ئارپا»، «تەڭداشسىز مۇھەببەت»، «چاققاق ئوت»قاتارلىق تەرجىمە رومان، پوۋست، ھېكايە توپلاملىرى نەشىر قىلىنعان. «قاق بولغان ئالما»، «يېتىم بوۋاي» ناملىق پوۋىستلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر يۈرۈش غەزەللىرى 9-نۆۋەتلىك، «قاق بولغان ئالما»ناملىق پوۋىسىتى 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىككى پارچە ئىتوتى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىعا ئېرىشىپ سەھنىلەردە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بىر تۈركۈم ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى «تۇرپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتى ۋە ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە سەككىز قېتىم مۇكاپاتلانغان.

  ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۈچىلار جەمئىيىتىنىڭ، تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى 16-قارارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ۋىلايەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن «10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى.

  دىلشات قېيۇم نۇر 1999-يىلدىن باشلاپ بىۋاستە پىلانلاپ، ئۇيۇشتۇرغان«ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى كىيىنچە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يىلمۇ-يىل كۆلەملىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق پۇتبولچى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ، تۇرپاننىڭ مارت ئېيىدىكى ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى پۇتبول ساھاسىدىكىلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، «تۇرپان پۇتبول بايرىمى»غا ئايلانغان. 2013-يىلى ئۇ دادىللىق بىلەن شىمالىي ۋە سەرقىي شىنجاڭنى ئاساس قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇپ، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر