باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر

يازغۇچى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقاننىڭ تەرجىمىھالى(2)

2015.03.24 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇنىڭ «رازى بولغىن، رازىيە» ناملىق ھېكايىسى 4 – نۆۋەتلىك « خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا، « كۈيلەر كۆزى » ناملىق پوۋېستى 8- نۆۋەتلىك « خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا، « ئاخىرقى ئوۋ » ناملىق رومانى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ « مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى » غا ۋە « تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن. « كۈيلەر كۆزى » پوۋېستى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ « تارىم » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « 50 يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8 پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتور ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە « تارىم » ژۇرنىلى تەھرىراتى ئويۇشتۇرغان « ئالتۇن توي مۇكاپاتى »، « تۆھپىكار ئەدىب مۇكاپاتى » غا سازاۋەر بولغان. 2011-يىلى يانۋاردا، ئاپتونوم رايوننىڭ ياش يازغۇچىلارغا مەدەت بېرىشنى مەقسەد قىلىپ تەسىس قىلغان ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى _ « شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى » ( 3- نۆۋەتلىك ) غا ئېرىشكەن.

  « خاراباتى» ، « تېپىلماس قەبرە »، « يازلىق يەلتاشما »، « تۇيۇنغان روھ قەھەتچىلىكى»، « ھىجران پۈتۈكلىرى »، « مېنىڭ خوتۇنۇم يازغۇچى ».... قاتارلىق 10 پارچە ئەسىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە « 211 قۇرۇلۇش مۇكاپاتى »، « 30 يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى »، « مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت مۇكاپاتى »، « تارىم باھارى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »، « دەۋران ئەدەبىيات مۇكاپاتى » قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئاپتور 2011- يىلى شاڭخەي شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان « بەييۈلەن ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى » غا، شۇ يىلى يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى « تۆھپىكار » مۇكاپاتىغا، 2012-يىلى جېجاڭ ئۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن بىرلىشىپ تەسىس قىلغان « جېجاڭ لوڭقىسى » ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەتتۇرسۇن ئېلى، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئوبزورچىلار تەرىپىدىن بۆگۈنگىچە جەمئىي 15پارچىگە يېقىن ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورلاردا ئۇنىڭ ئىزدىنىش ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئەتراپلىق ۋە يۇقىرى باھالار بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: « ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت خاھىشى ۋە دىتىغا ئىگە ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ئىزدىنىش روھىغا تويۇنغان پەرقلىق سۈپەتتىكى ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەۋرداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپىغا ئېرىشكەن يازغۇچى».

  بولۇپمۇ، ئاپتورنىڭ « سېھىرلىك مۇزداۋان » ناملىق نەسىرى « جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. نەسىرنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قوزغىغان تەسىرىگە ئاساسەن، ئۈشبۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئاپتورنى تېلېفون ئارقىلىق مەخسۇس زىيارەت قىلدى. « ئالتۇن چاچلىق ئوغلۇم » ناملىق ئەسىرى مەخسۇس كىتاب قىلىنىپ ۋە « جۇڭگو ئەدەبىيات تورى » دا تارقىتىلىپ، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر