باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

شائىر، ژرۇنالىست تۇرغۇن جالالىدىن

2015.03.24 09:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شائىر، ژرۇنالىست تۇرغۇن جالالىدىن 1975-يىلى 4-ئايدا تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىنىڭ ياربېشى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1993-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ قاتناش مەكتىپىنىڭ (ھازىرقى شىنجاڭ قاتناش ئىنىستىتۇتى) تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە شىئەن تاشيول-قاتناش ئۇنىۋېرستېتىنىڭ(ھازىرقى چاڭئەن ئۇنىۋېرستېتى) كومپيۇتېر ۋە قوللىنىش كەسپىدە ئوقۇغان. 1999-يىلى 11-ئايدىن 2000-يىلى 8-ئايغىچە تۇرپان گېزىتى ئىدارىسىدا پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلى 8-ئايدا تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2005-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

  1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تارىم»، «تۇرپان»، «قومۇل ئەدەبىياتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«قەشقەر»،«يېڭى قاشتېشى»، «كروران»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان. 2006-يىلى ئۇ تۈزگەن «ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسلى»،«ئەلۋىدا ئايجامال» قاتارلىق ئىككى كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. 2012-يىلى 10-ئايدا، «قەلبىمدىكى ئالتاي» ناملىق تەرجىمە كىتابى نەشر قىلىنغان. 2015-يىلى 2-ئايدا، «شەپقەت» ناملىق تەرجىمە رومانى شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت، فوتوسۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۇن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

  ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر