باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر

پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

2014.11.21 11:14   مەنبە: خەلق تورى

پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

  ئۇ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىيدۇر.

  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1950 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاستانىسى بولغانقەشقەرنىڭ يۇمۇلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 - يىلى قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ 1972 – يىلىغىچە يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان، بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ئىستىكىدە ئۆگىنىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 1972 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1975 – يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقتىن، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

  ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ۋاقتى ئۇنىڭ بىلىم دېڭىزىدىكى غەۋۋاسلىقىنىڭ باشلانغان دەۋرى بولغان. ئۇ دەستلەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانما، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. كېيىنرەك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن. بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈش داۋامىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش - ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئەرەب، پارس تىللىرى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان. 1978 – يىلى 3 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرستېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984 – يىلى 4 – ئايدىن 1985 – يىلى 10 – ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغداد، كۇفە ، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە، ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، ئەرەب تىلى بويىچە پىراكتىكا قىلغان. 1986 – يىلىدىن 1988 – يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996 – يىلى 10 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە؛ ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىدا ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن ) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1997 – يىلى 10 – ئايدىن 2002 – يىلى 4 – ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل – تارىخ – جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا چاغاتاي تۈركىي تىل ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئاسپرانتى بولۇپ ئوقۇغان.

  ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2002 – يىل 5- ئاينىڭ 20 – كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۆۋەندە ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.

  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1975 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغاندىن باشلاپ ئاتاقلىق تىلشۇناس، مەرھۇم پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى جەھەتلەردىن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى باشلىغان. « ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش - ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ۋە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پەقەت چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولغىلى بولىدۇ » دەپ قارايدىغان ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى، دەرس مۇنبىرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى »، « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى »، « ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى »، « ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى »، « تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى »، « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى »، « چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى »، « نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى »، « تۈرك تىلى »، « ئەرەب تىلى » قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. ئۇ ئۇقۇتۇش خىزمىتى داۋامىدا، 1986 – يىلى لېكتورلىق، 1992 – يىلى دوتسېنتلىق، 2004 – يىلى پروفېسسورلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1992 – يىلىدىن باشلاپ ماگېستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە يەتتە نەپەر ماگىستېر تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. 2007 - يىلى دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.

  پىروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ تەتقىقات ئىشلىرى ھەققىدە (2)

  غالىب بارات ئەرك پىروفېسسور گېڭ شىمىن ئەپەندى بۇ كىتابقا ۋە ئالىمنىڭ تەتقىقاتىغا باھا بېرىپ « ... ئۇشبۇ كىتاب ئۇيغۇر مۇقام تېكىستلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي يازمىلار ئاساسىدا ترانسىكرىپىسىيە قىلغان، تارىختىن بۇيانقى تۇنجى شۇنداقلا بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇھىم ئەسەردۇر. ... پروفېسسور ئابدۇرەئوپ 1986 – يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 18 يىل سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ۋە موزېيلارغا بېرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن، ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى ئېلىنغان قوليازمىلارنى يىغدى. ئاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى يازمىلار بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ترانسىكرىپىسىيىلەرنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، ئاخىرىدا، مەزكۇر ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ›نى تۈزۈپ چىقتى. ... مېنىڭ قارىشىمچە، نەشر قىلىنغان ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى › كىتابى ئەمەلىيەتتە، مېنىستىر دەرىجىلىك، ھەتتا دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات سەۋىيىسىدىكى ئەسەردۇر ... ئۈمىدىم ئۇنۋېرستېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى پروفېسسور ئابدۇرەئوپنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىسا، قوللىسا، رولىنى تېخىمۇ بەك جارى قىلدۇرىشىغا تۈرتكە بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئاسپىرانت تەربىيەلىشىگە زۆرۈر ۋە قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرسە » دەپ تەۋسىيە پىكرى يازغان.

  ئانا تىل مەرىپىتىنى « قەلب چىرىقى»، « ۋۇجۇت، تەننىڭ يىلىكى»، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى بولسا، « ئەجدادلارنىڭ تىلىكى» دەپ قارايدىغان پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ئانا تىل ۋە ئانا ۋەتەن ئۈچۈن قىلغان يەنە بىر مۇھىم ئەمگىكى « ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى »( بۇ كىتاب 1995– يىلى ش ئۇ ئا ر تۇنجى نۆۋەتلىك كىتاب باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. 1996– يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا، 1997 – يىلى مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) دېگەن كىتابى بولۇپ، 1994– يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابمۇقەددىمە، 10 باب بايان ۋە خاتىمەدىن تۈزۈلگەن، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسىگە بېغىشلانغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقاردى